SirlikHayat

华语女歌手 发布时间:
ھەر ئىنساننىڭ يۈرىكىدە ئارمان بولار ئۇنوتۇلماس
بۇنى پەقەت ئۆزى بىلەر ياتلار بىلمەس ھېچكىم بىلمەس
بېشىڭدا شۇ قۇياش كۈلەر
لېكىن بۇنى ئۇلار بىلمەس
دەردىڭنى ئاشكارە قىلما
ئۆزىدىن ئۆتمىگەن بىلمەس
ھايات بۇ ھايات بىلمىسەڭ ئۆگىتەر بېرىدۇ ساۋاق
ھايات بۇ ھايات بىلمىسەڭ ئۆگىتەر بېرىدۇ ساۋاق
ھايات ئۆزى چاق پەلەكتۇر ئايلىنار ھەم ئايلىنار
بىراۋلەرگە باھا بەرمە تېزلا ئۆزۈڭگە قايتار
يامان سۆزدىن تىلىڭنى ئېلىپ قاچ ئۆزۈڭنى
كەتكىن بەختىڭ ئۈچۈن ئەجىر قىلغىن
بەختىڭ ئۆزى كېلەر بىر كۈن ئەتراپىڭدا پەرۋانە ئەزىزلىرىڭ كۈلۈپ يۈر
ۋاقتىڭنىڭ ھەم بەختىڭنىڭ ھەم غەنىيمەتلىكىنى بىل
پەرزەنتلىرىڭ قۇچاقىڭدا ئويناپ كۈلسە شۇ بەختىڭدۇر
ھەر بىر كۈنۈڭ خۇشال يۈرگىن
ئۇ سەن ئۈچۈن مۇكاپاتتۇر
Patima Mamattursun   Sirlik Hayat