KonupKalganda

华语女歌手 发布时间:
作词 : Ayshem isMayil
作曲 : Rana-Mijit
编曲 : xerali xerzat
تەنھالىققا كۆنۈپ قالغاندا...
ئىنتىلىسەن بەلكىم سۆيگۈگە،
شېرىن خىيال سۈرۈپ قالغاندا.
ھەۋەس ئۆتەر ئەقىل كەينىگە،
تەنھالىققا كۆنۈپ قالغاندا.
تايىنىسەن ئۆزۈڭگە پەقەت،
ئۆزگىلەردىن كۈتمەيسەن مەدەت،
بىلىنمەيدۇ بۈيۈك مۇھەببەت،
تەنھالىققا كۆنۈپ قالغاندا.
قارا كۆزلەر تاشلايدۇ نەزەر،
تۇيۇلىدۇ ھەر سۆزى زەھەر،
ھەركىملەردىن ئەيلەيسەن ھەزەر،
تەنھالىققا كۆنۈپ قالغاندا.
چېكىلىدۇ دىلىڭنىڭ تارى،
كېلىپ تۇرار كۆڭۈل ئىزھارى،
بولالمايسەن بىراۋنىڭ يارى
تەنھالىققا كۆنۈپ قالغاندا.
ئارزۇلايسەن جۈپلۈكنى، ئەمما،
جۈرئىتىڭ كەم قوبۇل قىلىشقا،
ياش ئۇلغىيار يىلدا نېمىشقا؟
تەنھالىققا كۆنۈپ قالغاندا...
Rana-Mijit   konup kalganda