HAYATBOLSAG

华语女歌手 发布时间:
ھايات بولساڭ سۆيگەنلەرنى سۆيەلەيسەن
سۆيگۈ ئۈچۈن يىراقلارغا كىتەلەيسەن
سەن كۆڭلۈڭدە ئارزۇ قىلغان مەنزىللەرگە
ھالسىرساڭمۇ ئاخىر بىر كۈن يىتەلەيسەن
ھايات بولساڭ دوسلا بىلەن يۈرەلەيسەن
ئۇرۇق تۇققان ۋاپاسىنى كۆرەلەيسەن
بۇ دۇنيانىڭ جاپاسىنى تاتساڭمۇ كۆپ
چىدام غەيرەت ھۇزۇرىنى سۈرەلەيسەن
ھايات بولساڭ داۋانلادىن ئاشالايسەن
ئەل بىلەن تەڭ تاشقىن بۇلۇپ تاشالايسەن
دۇچ كەلسەڭمۇ تالاي مۈشكۈل سىناقلارغا
بۇيۇن ئەگمەي مەرتلەر كەبى ياشالايسەن
ھايات بولساڭ قەدىرلىگىن ھاياتىڭنى
Rayhangul-Ahat   riyangul tarim