Teqdirim

华语男歌手 发布时间:
作词 : Ibrahim Qurban
作曲 : Ibrahim Qurban
تەغدىرىم
ئىبراھىم قۇربان ئىجراسى
سۆزى مۇزىكسى:ئىبراھىم قۇرباننىڭ
چالغۇلاشتۇرغۇچى:مۇراتجان مۇختەر

مەن ئاڭلىسام ئانامدىن،
تۇغۇلۇپتىمەن ئۇماق بىر بالا.
مەن ئاڭلىسام دادامدىن،
تۇغۇلۇپتىمەن يورۇق دۇنيادا.
مەن ئاڭلىسام ئانامدىن،
تۇغۇلۇپتىمەن ئۇماق بىر بالا.
مەن ئاڭلىسام دادامدىن،
تۇغۇلۇپتىمەن يورۇق دۇنياغا.
دەيتتى جان ئانام مەڭزىمگە سۆيۈپ،
كۆزلەرىڭدە نۇر چاقنايتتى ئ‍وغلۇم.
بىر جۈپ قارا كۆزىڭگە سېنىڭ،
تىل تەگدىمۇ بىلەلمىدىم بالام.
(Music)
ئەلنىڭ باغرىدا ئۆسۈپ يىتىلدىم،
قەددىمنى ئەگمەي مەنزىلنى كۆزلەپ.
ئەلنىڭ باغرىدا ئۆسۈپ يىتىلدىم،
قەددىمنى ئەگمەي مەنزىلنى كۆزلەپ.
ئەجر بېغىدا ئېچىلدى گۈللەر،
ياشاپ كەلدىم مەن بەختىمنى ئىزدەپ.
ئەجر بېغىدا ئېچىلدى گۈللەر،
ياشاپ كەلدىم مەن بەختىمنى ئىزدەپ.
يىغلىما ئانا تۆكمە يىشىڭنى،
ئارزۇ-ئارمانلىرىم كۈلدۈردى مېنى.
قەلب كۆزۈمدە كۆردۈم ھەممىنى،
مەن تۆرەلگەن يورۇق دۇنيانى.
(Music)
دەيتتى جان ئانام مەڭزىمگە سۆيۈپ،
كۆزلەرىڭدە نۇر چاقنايتتى ئ‍وغلۇم.
بىر جۈپ قارا كۆزىڭگە سېنىڭ،
تىل تەگدىمۇ بىلەلمىدىم بالام.
Ibrahim Qurban   Söygü