Daldurum

华语男歌手 发布时间:
ھەممە كىشى دىسە دىسۇن مىنى دەلدۈرۈم،
پەقەت كۈلكە ئىزدەپ ئۆتەر مىنىڭ كۈنلۈرۈم.
بۇلبۇللارنى شەيدا قىلسا تىزغان گۈللۈرۈم،
توختىمايدۇ ھەرتاڭدا ئېيتقان كۈيلۈرۈم.
كۈلكەمگە كىم ھەمرا،
ناخشامغا كىم تەشنا،
مەن دەلدۈرۈم ھەمرا سىزگە
ئېيتقان كۈيۈمدە.
قويماس مىنى غەمدە،
سۇلغان ئەتىر گۈللەر.
زار زار زار قىلماس،
يۇلتۇزسىز تۈنلەر.
بار كۈلكەمدە بار،
گۈزەل دۇنيا ھەم ياخشى ئادەملەر.
ھەم قەلبىمدە بار،
گۈزەل ئىستەكلەر گۈزەل ھېسلىرىم.
Elyar Tursun   Daldurum