Muglanmigin-别难过

华语男歌手 发布时间:
مۇڭلانمىغىن گۈزەل قىز.
سېنى غەملەر باسسىمۇ.
تۆكمە ئەمدى يېشىڭنى.
ئازابلىرىڭ تاشسىمۇ.
ھەركىم قىلۇر ئۆزىگە
پۇشايمانغا قاچا يوق.
نېمە بولدۇم دەپ قالۇر،
چۈنكى ھازىر كۆڭلى توق.
ھەسرەتلىرىڭ يۇتمىسۇن.
نابۇت قىلما گۈلۈڭنى.
ھايات شۇنداق ئەسلىدىن.
ئاسرىغايسەن ئۆزۈڭنى.
مۇڭلانمىغىن گۈزەل قىز.
ياشلىق شۇنداق بولىدۇ.
ھەسرەت بىلەن خۇشاللىق.
كۈندە يوقلاپ تۇرىدۇ،
Ezmet Osman   Muglanmigin -别难过