YurgumDeydu(心在说)

华语男歌手 发布时间:
作曲 : Emardan
编曲 : Emardan
يۈرۈگۈم دەيدۇ
شىرئەلى ھوشۇر
ئاۋارە بولما دۇنيا
يېشىمغا قىلىپ چاقچاق،
قېرىتىمەن دېسەڭمۇ،
يۈرۈگۈم دەيدۇ: ياق، ياق.
كار قىلماس ۋاقىت سېھرى،
ياشقا قوشار بەلكىم ياش.
سۆيگۈ بار يۈرەكلەرگە،
مەنسۇپ يىگىتتەك ياشاش.
ياش باشقا يۈرەك باشقا،
سۆيگۈ يۈرەك ئوزۇقى.
كار قىلمايدۇ ئۇنىڭغا،
يورغا يىللار بۇيرۇقى.
تۈگەيدۇ ئۆمۈر سەندە،
بىر كۈن چەككە يەتكەندە.
تېنىڭنى ئال ئەي دۇنيا،
مۇھەببەت قالار مەندە.
Emardan   Yurgum Deydu(心在说)