Kozlurumni

华语男歌手 发布时间:
编曲 : murat-musa

‎ئايلار ئۆتتى ئەگىشىپلا يىل ئۆتتى

‎سېنى سۆيۈپ نىچۈن يالغۇز قالىمەن

‎ئايلار كۈتتى بەرگەن ۋەدىلەرنى ئەمدى

‎كىمگە يۇلتۇزلارنى ئۈزۈپ ئالىمەن

‎نە ئاۋارىمەن ، نەۋ باھارىمەن دەيتىم ئۆزۈمنى گۈلخان كەبى يانارىمەن

‎ئىنتىزارىمەن،قىپ ئىزھارىمەن كۆڭلۈلنى قۇربان قىپ كۆڭلۈڭنى نە ئالىمەن
‎ئۆزۈڭ دېگىن

‎ساڭا يۈرۈك پارە ،سەن گۈلۈم سەن گۈلزارە ،

‎سەن ئۆزۈڭ پىنھانە سۆيگۈمنىڭ غۇنچىسى بىر دانە ،

‎ئەقىدىمۇ سەرسانە ئەيلەيدۇ ئاھۇ زارە

‎پىغانىگە تولغان كۆز ياش بولۇر ئاشىقتىن بىزارە

‎مېنىڭ چۈشلۈرۈمدە ئايان ،ئالدىڭدا قىلالماي بايان

‎كۆڭلۈمنى نە زامان پايپىتەكلا بوپ ھەم يۈرەيمەن قايان

‎بىباھا ياشلىقىم پەرۋاسىزغا پەرۋانە بولۇپ ئايانمۇ مايان

‎ئۆتۈپ كەتتى بىلىمەن مەن كېلىمە دېگەنىڭگە تەلپۈنىمە يول بولسىمۇ بىپايان ھامان

‎كۆزلۈرۈمنى مەن قانچە ياشلىدىم

‎بۇ ناخشامنى سەن ئۈچۈن باشلىدىم

‎ناخشامنى باشلىدىم سەن ئۈچۈن ئاخشاملىرى

‎ئۇيقىدىن بىدارە خىيالىڭ ئىدارە قىلغانسىرى

‎زەررىچە ئىمكانە ئۆتمۈش بويلاپ يۈرەك تىلغانسىرى

‎ئىدىڭغۇ ئەسلىدە قەلبىمنىڭ بىرى ،ئەمدىدە بولدۇڭغۇ قەلبىمنىڭ سىرى

‎تەغدىردىن كۆرەمدىم تەدبىرىم شۇ تۇرۇپ

‎پەقەتتىن پەقەتلا سەۋىرىم سۇغۇرۇپ

‎دەسلەپلا تاللىشىم خاتادۇر بەلكىمدە

‎خىيالنى رىيالغا بىر قىلىپ يۇغۇرۇپ

‎خاتىمە باش بەتتە ھىجىران دېيىلسە دەسلەپلا

‎يۈرمەستىم ئۈمۈدنى باغاشلاپ بۇغۇلۇپ

‎كۆز ياشنىڭ خاتىرە بولىشىنى بىلسەم

‎ئىنساننى سۆيمەستىم تۇغۇلۇپ
‎ماڭا بولدى ئەمدى بەرىبىر،ئۆتەننى ئەسلەپ چىقتىم ھەربىر

‎سەن بار بولغان ھاياتتىكى نۇرغۇن ئاشۇ دەقىقىنى قىلالمايمەن تىلىم بىلەن تەسۋىر

‎بەڭۋاشلىقىم شاشلىقىم مەندىن خوشلشماقتا ياشلىقىم

‎ھەتتا قەلەمچە قاشلىقىم نە سۇمبۇلدۇر چاشلىقىم

‎ھەممىسى قالدى سەن بىلەن بىرگە ھاياتىمدا خاتىرە بولۇپ

‎كەينىمگە ھەربىر ئۆرۈلگىنىمدە ئەڭ گۈزەل بىر كارتىنا بولۇپ

‎ئۆكۈنۈش ھاجەتسىز ،يامغۇردەك تۆكۈلۈش ھاجەتسىز

‎ئېرىشكەنگە رازىمەن قايتىمە دەپ يۈكۈنۈش ھاجەتسىز

‎كۆزلۈرۈمنى مەن قانچە ياشلىدىم

‎بۇ ناخشامنى سەن ئۈچۈن باشلىدىم

‎كۆزلۈرۈمنى مەن قانچە ياشلىدىم

‎بۇ ناخشامنى سەن ئۈچۈن باشلىدىم

Sirkul工作室出品
Nutul   小伊_Erpan   Sirkul   Kozlurumni