sahlayman
华语男歌手 发布时间:

作曲 : ismayil_ruzi
编曲 : Elyar Mamat
ئېچىپ بەرگىم قىزىل گۈلدەك
سېنى كۈندۈزدە ساقلايمەن
ئەگەركىم كەلمىسەڭ كەچتە
يولۇڭدا تۈزدە ساقلايمەن
كۆرەلمەي گۈل سىياقىڭنى
باھارنىڭ مەۋسۈمى ئۆتسە
ئۆتەر دەپ تورنىدەك كۆكتىن
سېنى كەچكۈزدە ساقلايمەن
يۈزۈڭ كۆرمەي قارا كۆزدىن
جېنىمغا قايسى دەپ پايدا
نەقىش ئەيلەپ قاراقىمغا
سېنى جۈپ كۆزدە ساقلايمەن
تىلىمدە نە بولۇر مەنا
سېنىڭدىن ئۆزگىنى يادلاپ
تۈمەن داستان ئارا پىنھان
سېنى ھەر سۆزدە ساقلايمەن
سېنىڭ ئىشقىڭدا بۇلبۇلمەن،
مېنىڭ يوق ئۆزگىگە مەيلىم ،
توغۇلسام يۈز قېتىم تەكرار
سېنى شۇ يۈزدە ساقلايمەن
编曲 : Elyar Mamat
ئېچىپ بەرگىم قىزىل گۈلدەك
سېنى كۈندۈزدە ساقلايمەن
ئەگەركىم كەلمىسەڭ كەچتە
يولۇڭدا تۈزدە ساقلايمەن
كۆرەلمەي گۈل سىياقىڭنى
باھارنىڭ مەۋسۈمى ئۆتسە
ئۆتەر دەپ تورنىدەك كۆكتىن
سېنى كەچكۈزدە ساقلايمەن
يۈزۈڭ كۆرمەي قارا كۆزدىن
جېنىمغا قايسى دەپ پايدا
نەقىش ئەيلەپ قاراقىمغا
سېنى جۈپ كۆزدە ساقلايمەن
تىلىمدە نە بولۇر مەنا
سېنىڭدىن ئۆزگىنى يادلاپ
تۈمەن داستان ئارا پىنھان
سېنى ھەر سۆزدە ساقلايمەن
سېنىڭ ئىشقىڭدا بۇلبۇلمەن،
مېنىڭ يوق ئۆزگىگە مەيلىم ،
توغۇلسام يۈز قېتىم تەكرار
سېنى شۇ يۈزدە ساقلايمەن
