QalbSozi+SL

华语男歌手 发布时间:
قەلب سۆزى
سۆزى مۇزىكىسى: ئۆزلەشتۈرۈلگەن
ئاۋاز ئۈنۈمدە، ئىسلامجان روسۇل
سالدى دەرت كۆزۈمگە ياش
سەزمەي زىيا يانىمدا بارسەن
روھنى يۈكسەك قەدنى تىك تۇت
ھەمنەپەس جانىمدا بارسەن
سېھرى ئىشقىڭ نۇر چىراقكى
جان پىدا پەرۋانىدۇر مەن
ساڭا ھەمدەرت ، ھەمرازمەن
پاك يۈرەك خانىمدا بارسەن
بارسەن جانىم بارسەن جانىم ھەمنەپەس جانىمدا بارسەن
بەختىيارمەن سەن ھاياتسەن
مۈلكى دىل سۇلتانىدۇرسەن
بىر ئۈمۈر مىھرۇ ۋاپا
سەن ئەھدۇ پەيمانىمدىدۇرسەن
يېرىم تۈن ئاي چىقسا ئاخشام
يەر جاھان بولغايمۇ روشەن
خەستە كۆڭلۈم يار ئىتەر
قەلبىم روشەنىمدىدۇرسەن
بارسەن جانىم بارسەن جانىم ئەھدۇ پەيمانىمدىدۇرسەن
بارسەن جانىم بارسەن جانىم قەلبىم روشەنىمدىدۇرسەن
ھەرقىزىڭ ئوغلۇڭ باھار گۈل
ھېچ خورىماس دۆلىتىڭدۇر
يۈرەگىمدە ئۆزۈڭ كۆرگەن
مىھرىم ئاشارىمدابارسەن
ئېيت نە ئەگەر ئىزدىسەڭ
مەن كەلتۈرەي دىلدىن بەجاكى
زەررە داغ كۆڭلۈڭگە قونماس
چەشمىم ئۆزگارىمدا بارسەن
گۈل ھاياتتىن ئاقتۇرۇپ
ئورنۇڭنى تاپتىڭ سەن دىلىمدىن
دىلدا بارىم كۈيلىدىممەن
نەزمى بوستانىمدا بارسەن
كۆرسىتىپ سەن كۈچ ئىرادە
قىلدى قايىل ئەس ھۇشۇم ھەم
يۈرەگىمدە ئۆزۈڭ قۇرغان
گۈلۈم ئاچارىمدا بارسەن
Islamjan rosul   Qalb Sozi