KizilGul-《红玫瑰》

华语男歌手 发布时间:
‎قىزىل گۈل
‎ئوخشاتساممەن يار لېۋىگە بەرگىڭنى،
‎ھەسرىتىمنى بىلەرسەنمۇ قىزىل گۈل.
‎ساڭا ئېيتسام يار بىلمىگەن دەردىمنى،
‎سەن قەدرىمگە يىتەرسەنمۇ قىزىل گۈل.
‎قىزىل گۈلۈم قىزىل گۈلۈم سىردىشىم،
‎يوقتۇر مىنىڭ سەندىن بۆلەك دىلكىشىم.
‎تۇپرىقىڭغا تۆكسەم بارچە ئارزۇيۇمنى،
‎سەن قەلبىمگە ئۈنەرسەنمۇ قىزىل گۈل.
‎ياپرىقىڭغا يازسام ئەگەر سىرلىرىمنى،
‎تۈن باغرىغا كۆمەرسەنمۇ قىزىل گۈل.
‎قىزىل گۈلۈم قىزىل گۈلۈم سىردىشىم،
‎يوقتۇر مىنىڭ سەندىن بۆلەك دىلكىشىم.
‎سەۋدالىقىم بىر ساڭىلا ئايان بولدى،
‎ماڭا بەخىت تىلەرسەنمۇ قىزىل گۈل.
‎سېغىنىشتىن دىسەم ھالىم يامان بولدى،
‎يارغا ئېيتىپ بېرەرسەنمۇ قىزىل گۈل.
‎قىزىل گۈلۈم قىزىل گۈلۈم سىردىشىم،
‎يوقتۇر مىنىڭ سەندىن بۆلەك دىلكىشىم.
Keramjan MamatEli   Kizil Gul-《红玫瑰》 KeramjanMamateli