AhirkiQay

华语男歌手 发布时间:
作曲 : Hoji Matkurban
پىيالەمگە قاراپ قويدۇم،
خىيالدا لىق قۇيۇپ چاينى.
نىگارىم كەلمىدى كۈتسەم،
كېتەي ئاستا قويۇپ چاينى.
كۆيۈپ قالغان ئىدى شۇنچە،
لىۋىم چايدا ئەمەس ئوتتا.
كۆزۈمنى تاشلىماي ئەمدى،
دىلىدا بىر ئورۇن يوققا.
تۆكۈلگەن چاي بىلەن بىللە،
قېلىپ قالسۇن ئازاپ دەردىم.
يۈرەككە دەز كېتىپ چاك چاك،
چېقىلدى نەچچە رەت قەلبىم.
بولۇپ قالساممۇ ئاخىرقى،
ۋىسالنى تاپمىغان ئاشىق.
ئۆكۈنمەيمەن پەقەت ئەمما،
جاھاندا تەمى بار چاي جىق
Merdan Eli   Ahirki Qay