ChatmaNahxa

华语男歌手 发布时间:
يار سېنى پانا تارتىپ
ئايۋانىڭدا ياتايمۇ
ئۆزەمنىڭ دەردىنى ئازدەپ
سېنىڭ دەردىڭنى تارتايمۇ
سېنى كۈندە ئۆيلايمەن
جامالىڭغا تويمايمەن
راس گىپىڭنى ئېيىت يايرىم
جاۋاب ئالماي قويمايمەن
ئەجەب ئۆخشاپتۇ ما توغاچ
ئۆستاڭ بويىدا بولغاچ
مەن سىزگە كۆيۈپ قالدىم
تام قوشنام يېقىن بولغاچ
سېنى كۈندە ئۆيلايمەن
جامالىڭغا تويمايمەن
راس گىپىڭنى ئېيىت يايرىم
جاۋاب ئالماي قويمايمەن
ژىڭچىكە يۇ ژىڭچىكە
بىلىڭ نىمىدا ژىڭچىكە
ژىڭچىكە دېمەڭ يارنى
ئەمدە كۆيىدۇ بىزگە
ئالمىچى ئانارىم
دۇتتارىدا تارىم
كۆزى غۇمارىم
شوغ ئۆينايدۇ مېنىڭ يايرىم
ئېرىقنىڭ ئىچى ئالا
بوستان سېكىلەك بالا
كىچىك بولسا چوڭ بولۇر
قاچان سويگۈدەك بولۇر
ئانادان بولسا ئوڭشۇلار
قاچان سويگۈدەك بولۇر
ئالمىچى ئانارىم
دۇتتارىدا تارىم
كۆزى غۇمارىم
شوغ ئۆينايدۇ مېنىڭ يايرىم
ئۆگزەڭدە كەپتەر بالىجان
داننى جىق سېلىپ بەر
تاماكاڭنى چەكمەيمەن
يايرىمنى تېپىپ بەر
ئارقىسىدىن قوغلاپ
ئاقسۇدا يەتتىم
ئاچچىقىمغا پايلىماي سەتەڭنى
سانىماي ئۇرىۋەتتىم
ئاينىڭ بالىسى كۈننىڭ بالىسى
كۆرۋالمىسام بولماس
مەيلى بارمۇ مەيلى يوقمۇ
بىلىۋالمىسام بولماس
Arkin-Kiram   Chatma Nahxa