BuDunya

华语男歌手 发布时间:
作词 : Osman_Amat
作曲 : Osman_Amat
编曲 : Osman_Amat
تالاشمايلى تالايدىن قالغان ئىكەن بۇ دۇنيا
بەرگىننى بىر كۇنى ئالار ئىكەن بۇ دۇنيا
ھەممىزگە يىتەرلىك  سۆغىسى با  ھاياتنىڭ
ئەجەل كەلسە قېرى ياش دىمەيدىكەن بۇ دۇنيا
بەك  ماختانما  ئانچىكى  ھۆزۇر سۇۇرگەن كۇنۇڭدىن
بىر كۇن ئامات بىر كۇن غەم بىرەر ئىكەن بۇ دۇنيا
ۋايسىمىغىن ھاياتتىن تەن سالامەت ساق بولسا
بىر ياخشغا بىر يامان چاتار ئىكەن بۇدۇنيا
بۇگۇن پۇلدار باي بولساڭ ئەتە بەلكىم گاداي سەن
ھەمىمىزنى ھەر كويغا سالارئىكەن بۇ دۇنيا
كۆرەڭلىمە چوڭ سۆزلەپ قامىتىڭدىن غادىيىپ
ھەممە ئادەمگە ئوخشاش سىناق ئىكەن بۇ دۇنيا
مۇشكۇلى كۆپ ھاياتنىڭ چىداملىق بول ھەرقاچان
جاپالاردا جېنىڭنى تاۋلايدىكەن بۇدۇنيا
كىرمە كۇڭۇل كەينگە ئويۇنى كۆپ ھاياتنىڭ
ھەر قەدەمدە ئەقلىڭنى سىنايدىكەن بۇ دۇنيا
ئازاپلانما ئارزۇيۇڭ كۇتكۇنۇڭدەك بولمىسا
كۇتمىگەننى زورىغا تاڭارئىكەن بۇدۇنيا
ئىشەنمىگىن توققۇزۇڭ ئەتە تەل دەپ ئالدىسا
تۇگۇمەسكەن ئەتىسى يالغان ئىكەن بۇدۇنيا
Osman_Amat   Bu Dunya