Nakilay

华语男歌手 发布时间:
ئاھ نە قىلاي كۆزلىرىڭگە باقالمىسام
سىغىنغاندا لىۋىڭگە لەۋ ياقالمىسام
ئاجىز تىنىڭ ھەم باغرىڭغا ئاتالمىسام
سەندىن ئۆزگە دىلغا ئارام تاپالمىسام
قۇربانىڭ مەن ئىشقىڭ بىرلەن كۇيۇپ ئۇتەي
مەجنۇن بولاي پەقەت سىنى سۇيۇپ ئوتەي
سەن يوق ئالەم ماڭا تاردۇر ماڭا ئۆلۈپ كىتەي
كۆز ياشلارنى كۈلكەم بىلەن ياپالمىسام
بۇ ئوتلۇرۇڭ يامان كەلدى سۇدا ئاقاي
تاشلار باغۇ بوستانلارنى چۆلدە ياتاي
ئالەم ئارا سەندەك يارنى نەدىن تاپاي
سەنسىز گۈزەل قۇشاقلارنى قاتالمىسام
Osman Mamtimin   Na Kilay