BekiwalayAnamni

华语男歌手 发布时间:
作词 : Mamatjan Samat
作曲 : Abdusami Arkin
编曲 : Turghun Tursun
ئۆيگە قايتىپ بېقىۋالاي ئانامنى
مەڭزىمگە بىر يېقىۋالايئانامنى
ئۇنتۇپتىمەن نادانلىقتا بۇرچۇمنى
باغرىمغا چىڭ بېسىۋالاي ئانامنى
قوغداپ مىنى يوللاتمايتى ئازارغا،
يېتىشتۈرگەن ئىدى پەسلى باھارغا،
مېنى يۈدۈپ قوشقىنىدەك قاتارغا،
نەگە بارسام ئېلىۋالاي ئانامنى
ئانامنى ئانامنى
باغرىمغا چىڭ بېسىۋالاي ئانامنى
ئانامنى ئانامنى
نەگە بارسام ئېلىۋالاي ئانامنى
قىينالسىمۇ ئۈزى بىلىپ دەردىنى،
ماڭا راھەت بەرگەن چېكىپ جەبرىنى.
قايتۇرماققا ئانامنىڭ شۇ ئەجرىنى
يېقىن دوستۇم قىلىۋالاي ئانامنى
زايە كەتمەس ئىكەن قىلسام ئانامغا
مەلھەم ئىكەن ئانام تۈمەن يارامغا
يەتكۈزەركەن ئانام بەخت كانىغا،
ياخشى كۈتۈپ بېقىۋالاي ئانامنى
ئانامنى ئانامنى
ياخشى كۈتۈپ بېقىۋالاي ئانامنى
ئانامنى ئانامنى
يېقىن دوستۇم قىلىۋالاي ئانامنى
Abdusami Arkin   Bekiwalay Anamni