AzarYattimu
华语男歌手 发布时间:

نىمە بۇنچە غەمكىنسەن كۆڭۈل،
تەغدىر سىنى بىزار ئەتتىمۇ.
سەن بارىڭنى ئاتىغان پۈتكۈل،
بىۋاپادىن ئازار يەتتىمۇ.
چۈشلىرىڭدىن بولغاندا بىزار،
تاڭلىرىڭمۇ قايغۇلۇق لىكىن.
غازان بولۇپ كۆزۈڭدە باھار،
سارغايماقتا دەردىڭگە يىقىن.
كەتكەنلەرگە ئاھ ئۇرما ئەمدى،
كىلىشىڭنى كۈتكەنلەرگە باق.
بوپ قالمىسۇن بىر قىزنىڭ دەردى،
سىنىڭ ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك قىيناق.
تەغدىر سىنى بىزار ئەتتىمۇ.
سەن بارىڭنى ئاتىغان پۈتكۈل،
بىۋاپادىن ئازار يەتتىمۇ.
چۈشلىرىڭدىن بولغاندا بىزار،
تاڭلىرىڭمۇ قايغۇلۇق لىكىن.
غازان بولۇپ كۆزۈڭدە باھار،
سارغايماقتا دەردىڭگە يىقىن.
كەتكەنلەرگە ئاھ ئۇرما ئەمدى،
كىلىشىڭنى كۈتكەنلەرگە باق.
بوپ قالمىسۇن بىر قىزنىڭ دەردى،
سىنىڭ ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك قىيناق.
