AyrilmasmanYanigdin

华语男歌手 发布时间:
ئاتقا بەرسەڭ بېدە بەر
غاچچۇر-غۇچچۇر چايناسۇن
كۆڭلىڭنى ماڭا بەرگىن
كۆڭلۈم مېنىڭ ئاچىلسۇن
ئۆرگىلەيمۇ ھالىڭدىن
چۆرگىلەيمۇ ھالىڭدىن
باغرىم زېدە نازىڭدىن
ئايرىلماسمەن يانىڭدىن
ئاخشامقى ئالا توشقان
بىزنىڭ مەھەللىدىن قاچقان
مەن سۆيگەن لەۋەن يارغا
ھەسەل بىلەن ناۋات قوشقان
ئۆرگىلەيمۇ ھالىڭدىن
چۆرگىلەيمۇ ھالىڭدىن
باغرىم زېدە نازىڭدىن
ئايرىلماسمەن يانىڭدىن
تەپسەم ساندۇق ئاچىلۇر
گۈل باشىمغا سانجىلۇر
گۈل باشىمغا سانجىلسا
كۆڭلۈم ئاندىن ئاچىلۇر
ئۆرگىلەيمۇ ھالىڭدىن
چۆرگىلەيمۇ ھالىڭدىن
باغرىم زېدە نازىڭدىن
ئايرىلماسمەن يانىڭدىن
Arkin-Kiram   Ayrilmasman Yanigdin