Kormidim

华语男歌手 发布时间:
作词 : Ozlaxturgan
作曲 : Ozlaxturgan
编曲 : Mardan-Habibulla
多塔尔:Abduwali Sattar
和声:Qemirdin Tursun
录音:Alimjan Eli
混音:Aybat
كۆرمىدىم
مەن بۇ دۇنيادا ھالاۋەت كۆرمىدىم، كى كۆرمىدىم،
يارۇ دوستلاردىن ساداقەت كۆرمىدىم كى كۆرمىدىم.
مەن كۆڭۈل بەرگەن ئىدىم يار كۆڭۈل بەردى ئۆزگىگە،
دوستلىرىم يۈز ئۆزىدى مەن سالمىدىم ھېچ يۈزىگە،
غەيۋىتىم قىلدى يېقىنلار باقمىدىم ھەر سۆزىگە،
بۇقەدەر جەبرۇ مالامەت كۆرمىدىم كى كۆرمىدىم.
مەن بۇ دۇنيادا ھالاۋەت كۆرمىدىم
يارۇ دوستلاردىن ساداقەت كۆرمىدىم كى كۆرمىدىم.
دوستلىرىمنىڭ قولىدا باغرىمنى قان قىلدى پەلەك،
قېرىنداش سىرداشنى ھەم دەرگۇمان قىلدى پەلەك،
سەۋرىدىن تاپتىم قۇۋۋەت باشىم ئامان قىلدى پەلەك،
كۆرەلمەسلەر باشىدا ئامەت كۆرمىدىم كى كۆرمىدىم.
مەن بۇ دۇنيادا ھالاۋەت كۆرمىدىم كى كۆرمىدىم،
يارۇ دوستلاردىن ساداقەت كۆرمىدىم كى كۆرمىدىم.
Qemirdin Tursun(克米尔)   Kormidim