akngizman(kalpinmaxripi)

华语男歌手 发布时间:
编曲 : Abdusami Arkin
ئىشىك ئالدى كۆلچەكتە
شال پەيدا بۇلۇپ قاپتۇ
بىزنىڭ يالا سىكلەككە
ھال پەيدا بۇلۇپ قاپتۇ
ئاكام دىسىڭىزمۇ ئاكىڭىزمەن
ئۇكام دىسىڭىزمۇ ئۇكىڭىزمەن
ئاكىڭىزغا قاراپ كۈلگەنمۇ
ئۇكام دەپ تۇرۇپ سۆيگەنمۇ
ئىشىك ئالدى ياداڭلىق
يارنىڭ قۇلىدا ياغلىق
يار مەندىن يامانلاپتۇ
يار دەردىدە مەن ئاغرىق
تىرەكتىكى قاغىنى
تۇماق بىلەن ئۈركىتەي
ئىشەنمىسەڭ كۈرۈپ باق
يۈرۈگۈمنى كۆرسىتەي
ئۆگزەڭدە كەپتە
داننى جىق سېپ بە
تاماكاڭنى چەكمەيمەن
يارىمنى تېپ بە
مەن يارنى كۆدۈم
مەستانە بولدۇم
يارنىڭ ئىشقىدا
ۋەيرانە بولدۇم
Abdusami Arkin   akngiz man kalpin maxripi