BuJahan

华语女歌手 发布时间:
作曲 : Abdukadir-Yareli
كۈلگەنلەر بىر ئۆمۈر كۇلىۋەرمەيدۇ،
قايغۇ ۋە خوشاللىق قوشكىزەك ھامان
ھىچ نەرسە مەڭگۈلۈك بولمايدۇ ساڭا
بۇ شۇنداق بەك ئۇزۇن بەك ئۇزۇن جاھان
جاپانى چەككەنلەر كۆرىدۇ راھەت
ئەجىرسىز ئامەتلەر كەلمەس ھىچقاچان
قىشتا يوق بۇلبۇللار سايرايدۇ يازدا
بۇ شۇنداق بەك ئۇزۇن بەك ئۇزۇن جاھان
ياخشىلىق قىلايلى ئاز كۆپ بولسىمۇ
ئۆزئارا دۈشمەنلىك يامان بەك يامان
نىمىنى تىرىساڭ ئالىسەن شۇنى
ئون بەش كۈن ئاي چىقسا ئاسمانغا پارلاپ
ئونبەش كۈن كىچىسى قاراڭغۇ ھامان
قالمايدۇ كىشىدە كىشىنىڭ ھەققى
باھاردا كۆكلىگەن باغۇ بوستانلار
كۈز كەلسە تۆكۈلۇپ بولىدۇ خازان
پانىيغا ھىچ كىشى بولالماس تۈۋرۇك
Abdukadir-Yareli   Guhar Huxur   Bu Jahan