konglum

华语男歌手 发布时间:
作词 : Dilyar Wahap
作曲 : Dilyar Wahap
编曲 : Dilyar Wahap
تويدۇڭمۇ كۆڭلۈم
ۋاپاسىزنىڭ ئۇتىدا كۈيۈپ ،
ئېيتقىن خۇشال بولدۇڭمۇ كۆڭلۈم .
ۋەدىسىگە ئىشىنىپ يۈرۈپ ،
سۆيگۈنىڭگە تويدۇڭمۇ كۆڭلۈم .
بىۋاپانىڭ ۋەدىسى يالغان ،
ئالداپ دەرتكە سالغىنى سالغان .
يامان كۈندە سىنىڭدىن تانغان ،
سۆيگۈنىڭگە تويدۇڭمۇ كۆڭلۈم .
ھىجرانلاردا يۈرەكلەر پارە ،
بۇلۇپ كەتتى ئەمدى نە چارە .
سۈيىدۇ دەپ بۇلۇپ ئاۋارە ،
يۈرگۈنۈڭگە تويدۇڭمۇ كۆڭلۈم .
تويدۇڭمۇ كۆڭلۈم تويدۇڭمۇ كۆڭلۈم ،
مىنى دەرتكە قويدۇڭغۇ كۆڭلۈم .
Dilyar Wahap   Koglum