Yamghur-《雨》StudioVersion

华语男歌手 发布时间:
作词 : Mamatjan Masut (Habibi)
作曲 : Keramjan MamatEli
يامغۇر
كېرەمجان مۇھەممەدئەلى
مۇزىكا

سەن تۆكۈلدۈڭ يامغۇر
كۆيىۋەردى لېكىن بۇ يۈرەك
كۆز ياش بولۇپ قوشۇلدى ساڭا
قەلبىمدىكى ئەڭ گۈزەل تىلەك
سەن كۆكسۈمگە تۆكۈلدۈڭ يامغۇر
كۆيىۋەردى لېكىن بۇ يۈرەك
كۆز ياش بولۇپ قوشۇلدى ساڭا
قەلبىمدىكى ئەڭ گۈزەل تىلەك
تەسەللىي ئۈچۈن ياغدىڭمۇ يامغۇر
دەرد باغرىنى چاك - چاك ئەيلەپتۇ دەپ
يۇيالمايسەن ھېچ دەردىمنى ئەپسۇس
سەن توختايسەن، توختىماس ھەسرەت
مۇزىكا

ئاھلىرىمنىڭ دەردى مىڭ بولۇپ
يۈرىكىمنى قىينايسەن يامغۇر
ياپراقلارنى سۆيگەندەك شۇنچە
يۈرىكىمنى سۆيمەيسەن يامغۇر
ياپراقلارنى سۆيگەندەك شۇنچە
يۈرىكىمنى سۆيمەيسەن يامغۇر
تەسەللىي ئۈچۈن ياغدىڭمۇ يامغۇر
دەرد باغرىنى چاك - چاك ئەيلەپتۇ دەپ
يۇيالمايسەن ھېچ دەردىمنى ئەپسۇس
سەن توختايسەن، توختىماس ھەسرەت
تەسەللىي ئۈچۈن ياغدىڭمۇ يامغۇر
دەرد باغرىنى چاك - چاك ئەيلەپتۇ دەپ
يۇيالمايسەن ھېچ دەردىمنى ئەپسۇس
سەن توختايسەن، توختىماس ھەسرەت
سەن توختايسەن، توختىماس ھەسرەت


Keramjan MamatEli   Yamghur-《雨》Studio Version