DidarGhenimet《人生可贵》(Live)

华语男歌手 发布时间:
作词 : Mamut Zahit
作曲 : Ebeydulla Turdi
بۇلبۇل ئۈچۈن سايراشقا گۈلزار غەنىمەت
ئىنسان ئۈچۈن ھاياتتا دوست يار غەنىمەت
كۆرۈشكەندە شىرىن سۆز ئىزھار غەنىمەت
تىنىچ-ئامانلىق ساغلاملىق زور بەخىت بايلىق
كۈچ قۇدرىتىڭ بارىدا دوسلارنى قوللاپ
ئۇزۇن يولدا سىنالغان تۇلپار غەنىمەت
تەنھا ياشاش يالغۇزلۇق ئادەمگە ئازاپ
ئەل جامائەت ئىچىدە قاتار غەنىمەت
تۆھمەت ھەسەت ئاداۋەت تۇغار زىمىستان
دوسلار مىھرى ياراتقان باھار غەنىمەت
سۈرگىن ھايات مۇھەببەت دوستلۇق پەيزىنى
ئۆمۈرلۈك دوست ۋاپادار نىگار غەنىمەت
كىم بىلىدۇ كىتىمىز قايسىمىز بالدۇر
يوقلاپ تۇرغىن دوسلارنى دىدار غەنىمەت
Kamil Jelil   现场直播演唱活动