KadirdanAta
华语女歌手 发布时间:

ئابرۇيىم ئىززىتىم سەن ئۇنۋانىم ئاتام
شۆھرىتىم سەن قۇدرىتىمسەن دەرمانىم ئاتام
جەۋھىرى جاپا سەھراسىدا كارۋانىم ئاتام
مەردانىلەر سەيناسىدا پالۋانىم ئاتام
يۆلەنگەن تىغىم ئاھ سۆيۇنگەن بىغىم
مىھرى ۋاپا تەختىدە شاھ سۇلتانىم ئاتام
مىھرى ۋاپا تەختىدە شاھ سۇلتانىم ئاتام
جان ئاتامسەن قەددى تاغدەك
ئىشچان جاپاكەش,پەرزەنتى ئۇچۇن قەلبى گۇلخان
جان جىسمى ئاتەش
ۋاپا مىھرىڭ تۇمۇرۇمدا ياسايدۇ ئۆركەش
قەدىردانىم ئىزىز جانىم جاھانىم ئاتا
غەم ئەلەمسىز يايرايدىغان يايلىقىم ئۆزۇڭ
جان ئارامىم بەخىت كانىم بايلىقىم ئۆزۇڭ
پاك پەزىلەت ئاسمىنىدا كۆۋرۇكۇم ئۆزۇڭ
شەرەپ شانىم ئەزىز جانىم ئاتا
جاھانىم ئاتا
ئاھ,يۆلەنگەن تىغىم
ئاھ سۆيۇنگەن بىغىم
قەدىردان قەدىردان
قەدىردان ئاتام
شۆھرىتىم سەن قۇدرىتىمسەن دەرمانىم ئاتام
جەۋھىرى جاپا سەھراسىدا كارۋانىم ئاتام
مەردانىلەر سەيناسىدا پالۋانىم ئاتام
يۆلەنگەن تىغىم ئاھ سۆيۇنگەن بىغىم
مىھرى ۋاپا تەختىدە شاھ سۇلتانىم ئاتام
مىھرى ۋاپا تەختىدە شاھ سۇلتانىم ئاتام
جان ئاتامسەن قەددى تاغدەك
ئىشچان جاپاكەش,پەرزەنتى ئۇچۇن قەلبى گۇلخان
جان جىسمى ئاتەش
ۋاپا مىھرىڭ تۇمۇرۇمدا ياسايدۇ ئۆركەش
قەدىردانىم ئىزىز جانىم جاھانىم ئاتا
غەم ئەلەمسىز يايرايدىغان يايلىقىم ئۆزۇڭ
جان ئارامىم بەخىت كانىم بايلىقىم ئۆزۇڭ
پاك پەزىلەت ئاسمىنىدا كۆۋرۇكۇم ئۆزۇڭ
شەرەپ شانىم ئەزىز جانىم ئاتا
جاھانىم ئاتا
ئاھ,يۆلەنگەن تىغىم
ئاھ سۆيۇنگەن بىغىم
قەدىردان قەدىردان
قەدىردان ئاتام
